ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىشكە چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، نەكبە (ئېغىر پاجىئە)نىڭ 71 – يىلىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىشكە چاقىردى.

1202250
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نەكبەنىڭ 71 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يوللۇق خەلقئارالىق قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا قۇربىنىڭ يەتمەسلىكى نەتىجىسىدە، 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە» دېدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىنگە قىلىنغان تارىخىي ئادالەتسىزلىكنىڭ تۈزىتىلىشى ئۈچۈن يەلكىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «پەلەستىن خەلقىنىڭ نەكبە سەۋەبىدىن دۇچار بولۇۋاتقان مۈشكۈلاتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، بۇ ئازابلىق ھادىسە ھەم شەخس ھەم جەمئىيەتنىڭ خاتىرىسىدە ھېلىھەم جانلىق ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە ئىشغال كۈچى بۇ زېمىنلارنى بولاڭ – تالاڭ قىلىشنى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى يىقىپ تاشلاشنى، قەتلىئام قىلىشنى، مۇقەددەس جايلارنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنى يەھۇدىيلاشتۇرۇش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلاش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئازابقا تولغان ئۇزۇن يىللارغا قارىماي، پەلەستىن خەلقىنىڭ دەۋاسىغا بولغان ئىشەنچى بىلەن، زېمىنلىرىغا قايتىش ھوقۇقىغا، شەرىپى بىلەن ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا بولغان ساداقىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈرەش قىلىشنى ۋە مەردانە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، مىللىي ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى ئۈچۈن پەلەستىن خەلقىنىڭ ئادىل كۈرىشىنى ھەردائىم ۋە تولۇق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، دۇنيا دۆلەتلىرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بۇ خەلقكە ياردەمچى بولۇشقا چاقىرىلدى.

1948 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئازاب: نەكبە

پەلەستىنلىكلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ 1948 – يىلى 14 – مايدا ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەر مۇشەققەتلىك كۆچۈشلەرگە مەجبۇر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، 15 – ماينى «نەكبە (ئېغىر پاجىئە)» دەپ ئاتاپ ھەر يىلى خاتىرىلەيدۇ.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى نەكبە ئەسناسىدا بىر مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىكنى مەجبۇرىي ھالدا زېمىنلىرىدىن چىقىرىپ سۈرگۈن قىلدى، پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە 675 يېزا – بازار يوق قىلىندى، مىڭلارچە پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

نەكبە يۈزىسىدىن نۆۋەتتە پەلەستىنلىكلەرنىڭ %80ى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر