ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ فېدېراتسىيە ساقچى قىسمىغا قىلغان ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىدا 6 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1202697
ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال سەئد ھەربىيەنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ فېدېراتسىيە ساقچى قىسمىغا قىلغان ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىدا 6 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى رىياد رايونىنىڭ ئەلەۋىيە يېزىسىدىكى بىر ساقچى چارلاش ئەترىتى نىشان قىلىنغان. ئاپتوماتىك قورال – ياراغلار ئىشلىتىلگەن ھۇجۇمدا 4 ساقچى قازا قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا، كەركۈكنىڭ رەشاد رايونىنىڭ تەلسۇسې يېزىسى ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار نىشان قىلىنغان. ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇملاردىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق زېمىنلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى.

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 2017 – يىلى دېكابىردا بۇ زېمىنلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ شەھەر مەركەزلىرى ۋە باشقا ئولتۇراق رايونلىرىغا قارىتا ھۇجۇم تەھدىتلىرى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دائېش پات - پات يېزا – قىشلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر