ۋېنېزۇئېلا: تۈركىيەنىڭ ھامىي دۆلەت بولۇشىنى تەكلىپ قىلدۇق، بىراق...

ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادا، دۆلىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھامىي دۆلەت بولۇشىنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1202509
ۋېنېزۇئېلا: تۈركىيەنىڭ ھامىي دۆلەت بولۇشىنى تەكلىپ قىلدۇق، بىراق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مونكادا ب د ت مەركىزىي بىناسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنى بوشىتىش قارارى توغرىسىدا توختالدى.

ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ۋىيېننا ئەھدىنامىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئاساسسەن، ئامېرىكىنىڭ پايتەخت كاراكاستىكى ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەت سۈپىتىدە شىۋېيتسارىيەنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مونكادا، «بىزمۇ تۈركىيەنىڭ ھامىي دۆلەت بولۇشىنى تەكلىپ قىلدۇق. تەكلىپىمىزنى <بىز سىلەرنى ئېتىراپ قىلمايمىز> دەپ رەت قىلدى، گۇايدونى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى» دېدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، خېلىدىن بۇيان نامايىشچى ۋە پائالىيەتچىلەر نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنى بوشىتىش ئۈچۈن قانۇنىي مۇساپىنىڭ باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەلچىخانىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچى پارلامېنت باشلىقى خۇۋەن گۇايدوغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، «ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرونى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا مادۇرونى قوللىغۇچى نامايىشچىلارنىڭ ئەلچىخانىدا تۇرۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر