ئىراقمۇ «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋىلىشنى خالايدۇ

ئىراقنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئايدار مەنسۇر ھادى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش قارىرىغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1201910
ئىراقمۇ «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋىلىشنى خالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەنسۇر ھادى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىراقتىكى سېلىنمىلىرىنىڭ ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنسۇر ھادى رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە غەلىبىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىراقتا < Lukoil>، <Başneft>، <Rosneft> ۋە <Gazprom> شىركەتلىرىنىڭ سېلىنمىلىرى بار. < Lukoil>نىڭ ئىراقتىكى سېلىنمىلىرى 9 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. بۇ سېلىنمىلارنىڭ 30 مىليون دوللارغا چىقىرىلىشىغا دائىر يېڭى تەلەپلەر مەۋجۇت» دېدى.

مەنسۇر ھادى ئىراق بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئىراق ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىن <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىشنى خالايدۇ. بىراق بۇ جەھەتتە ھازىرچە بىرەر يول خەرىتىسى يوق» دېدى. 

ئىراقنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىشىغا ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن مەنسۇر ھادى، «بۇ جەھەتتە كېرەكلىك دىپلوماتىك قاناللار مەۋجۇت» دېدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى باشلىقى ۋىكتور بوندارېۋ مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراقنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر