ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى» چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسىدىكى بىر بازارنى ئىپتاردىن ئىلگىرىلا بومباردىمان قىلدى.

1201729
ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى، جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسىدىكى بىر بازارنىڭ ئىپتارغا ئازلا قالغاندا بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە 5 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى» چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسىدىكى بىر بازارنى ئىپتاردىن ئىلگىرىلا بومباردىمان قىلىپ، 5 پۇقرانىڭ ئۆلۈمى، 20 پۇقرانىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسى بىلەن ئەلكەبىنە ۋە تەرمەلە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر