پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى.

1201605
پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇچۇر - ئالاقە قاناللىرىنى تەدرىجىي ھالدا بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

   سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئۇشاكوۋ،  ھەم رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ھەم رۇسىيەدىن ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىشى روبېرت مۇللېرنىڭ دوكلاتىنىڭ، رۇسىيەنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلەشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇشاكوۋ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي دىيالوگ ئورنىتىش يولىدا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمى « New Start » مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان ئۇشاكوۋ، ئۇچرىشىش ئەسناسىدا پۇتىننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن  يادرو كېلىشىمىدىن ھچېكىنىشى مەسىلىسىنىڭ رۇسىيەنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، سۈرىيە، ئافغانىستان، ئىران، لىۋىيە، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇشاكوۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇچرىشىشتا، پۇتىن ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى، چۈنكى چارە باسقۇچىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، تالىباننىڭ كۈچىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. يەنى، بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىزغا، ئافغانىستاندا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئورنىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.»

ئۇشاكوۋ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى توغرۇلۇق  توختالغاندا ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىلىقلارنىڭ <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى كېلىشىمىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قاتتىق تەلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتى تېزلىك بىلەن ئىشلىنىۋاتىدۇ، ھازىرچە بۇ ھەقتە بىرەر كېلىشمەسلىك ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر