ئەرەبىستان پادىشاھى بۇرھاننى ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، سۇدان ھەربىي كېڭىشى باشلىقى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھاننى مەككىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 14 – نۆۋەتلىك ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

1200717
ئەرەبىستان پادىشاھى بۇرھاننى ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ھەربىي كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «سۇدان ھەربىي كېڭىشى باشلىقى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان 31 – مايدىن 1 – ئىيۇنغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 14- نۆۋەتلىك ئىسلام (دۆلەتلىرى) باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزدىن تەكلىپنامە ئالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغان يىغىندا، مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر