سىرى لانكادا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى ۋاقىتلىق چەكلىۋېتىلدى

سىرى لانكادا بەزى جامە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى چەكلىۋېتىلدى

1199828
سىرى لانكادا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى ۋاقىتلىق چەكلىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرى لانكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن بەزى جامە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىگە قايتىدىن چەكلىمە قويدى.

سىرى لانكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن سىرى لانكانىڭ غەربىگە جايلاشقان چىلاۋدىكى جامە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا، سىرى لانكادىكى بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا فېيىسبۇكقا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىرى لانكانىڭ بىڭىرىيا، دۇممالاسورىيا ۋە كۇلىياپىتىيا رايونلىرىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى بۈگۈن ئەتىگەن بىكار قىلىنغان.

سىرى لانكادا 21-ئاپرېلدا پاسخاليا بايرىمى ئەسناسىدا كوچچىكادە رايونىدىكى ئانتونى، كاتانا رايونىدىكى سېباستىيان، باتتىكالو رايونىدىكى مەريەم ئانا چېركاۋلىرى بىلەن پايتەخت كولومبودىكى بەش يۇلتۇزلۇق ساڭرى لا، كىننامون گراند ۋە كىبۇرى مېھمانخانلىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىنلا پايتەخت كولومبوغا يېقىن دەھىۋالا رايونىدىكى بىر مىھمان كۈتۈش ئورنىغا يېقىن بىر جايدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەنىدى. ئالاقىدار مەسئۇللار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 253 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر