مېركېل: تېھران قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ياخشى ئويلىنىشى لازىم

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىنىڭ بارلىق تەرەپلەرگە نىسبەتەن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، تېھراننىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ياخشى ئويلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1198913
مېركېل: تېھران قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ياخشى ئويلىنىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل رۇمىنىيەنىڭ سىبىئۇ شەھىرىدە چاقىرىلغان غەيرىي رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باشلىقلار يىغىنىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ كىرىزىسنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر شۇنداق قىلسا، بۇنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، سۈرىيە ۋە يەمەندە ھەربىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇتتۇر. شۇنداقتىمۇ يادرو قوراللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. يادرو كېلىشىمىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. شۇڭا ئىراننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ھەرىكەت قىلىش توغرۇلۇق ياخشى ئويلىنىشى لازىم. بىز ئىرانغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ھەقتىكى قارىشمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بىز سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى خالىمايمىز. بىزگە نىسبەتەن ياۋروپانىڭ ئورتاق پوزىتسىيەسى ئىنتايىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر