خىتاي ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان تاموژنا بېجىنى % 10 تىن % 25 كە چىقىرىشىغا قارىتا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1198773
خىتاي ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرىنىڭ 11 – قېتىملىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشىنى، ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ئاساسىدا ۋە مۇزاكىرە مېتودلىرىغا ئاساسەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان قارارى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان،  بىر يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرنىڭ سانى 11 گە يەتتى.

ۋاشىنگتون – بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتقان ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە باشلانغان سودا مۇزاكىرىلىرىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى.

ئاخىرقى قېتىملىق مۇزاكىرە ئۈچۈن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خې باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

لىيۇ خې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىدىن سەمىمىي نىيەت بىلەن كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارى پەقەت ئىككى دۆلەتكىلا ئەمەس، ھەممىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان تاموژنا بېجىنىڭ % 10 تىن % 25 كە چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «خىتاي ئۇدا 10 ئايدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 50 مىليارد دوللار قىممىتىكى ئىلغار تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن % 25، 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى   باشقا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بولسا % 10 تاموژنا بېجى تۆلىمەكتە.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 1 – دېكابىر كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سەۋەبىدىن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «90 كۈنلۈك كېلىشىم» تۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر