ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارغا ۋارىل بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1198059
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا يېقىندىن بۇيان سۈركىلىشلەرنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارغا ۋارىل بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

موگېرىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە 150 مىڭ ئەتراپىدا پۇقرالىرىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ۋارىل بومبىلىرى بىلەن مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارغا زەربە بېرىلىشى، خەلقئارا قانۇننىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن موگېرىنى، 3 مىليون ئەتراپىدا پۇقرانىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرى ۋە ئىران ھىمايىسىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن تاشقان ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا يېقىنقى 6 كۈن ئىچىدە كەم دېگەندە 93 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، 2017 – يىلى  4-، 5 – ماي كۈنلىرى چاقىرىلغان ئاستانا يىغىنىدا، ئىدلىب ۋە ئەتراپىنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۇ دائىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىگە خىلاپ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن مەزكۇر رايون توغرىسىدا قوشۇمچە كېلىشىم تۈزگەنىدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىردە سوچىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە قارىماي، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاستانا كېلىشىملىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر