ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى توختاپ قالدى

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «كورېيە ئۇرۇشى (1950-1953) جەريانىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەۋە قالدۇقلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى توڭلىتىپ قويۇلدى.

1198155
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى توختاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا فېۋرالدا ۋېيىتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش پىروگراممىسىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە يوقۇلۇپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلايدىغان «DPAA» ناملىق ئارخىپ ئورگىنى باياناتچىسى چۇك پىرچارد شىمالىي كورېيەلىك مەسئۇللارنىڭ فېۋرال ئېيىدىن بۇيان ھېچقانداق مۇناسىۋەت ئورناتمىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى چۇك پىرچارد: «ئاخىرى، كورېيە خەلقى بىلەن 2019يىللىق داۋاملىشىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقىمىز توڭلىتىپ قويۇلدى. ساھە ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا پىلانلىيالمايدىغان، ماستلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلدۇرالمايدىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ قالدۇق» دېدى.

شىمالىي كورېيە ئالدىنقى يىلى كورېيە ئۇرۇشى جەريانىدا يېرىم ئارالدا ئۆلگەن 50 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكەرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

جەسەت قالدۇقلىرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگە قارىتا، «دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىنىشقا باشلىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نامايەندىسى» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى. 

كورېيە ئۇرۇشى جەريانىدا 36 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7700 دىن كۆپرەك ئەسكەرنىڭ ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئەسكەرلەردىن 5300 نەپىرىنىڭ شىمالىي كورېيە تەرەپتە يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر