ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – مېكسىكا چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئۆتكەن ئاي 100 مىڭدىن ئاشتى.

1197867
ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئەسى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپرېل ئېيىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن مېكسىكا چېگراسىدىن ئامېرىكىغا كىرگەن  109 مىڭ 144 كۆچمەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئېلىنغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى ماي ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 6، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بىر يىل ئىچىدە كىرگەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چېگرا مۇداپىئەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى كارلا پروۋوست ۋاشىنگتوندا پالاتادا بەرگەن باياناتىدا، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىش بىلەن بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە ئەلسالۋادوردىن «زوراۋانلىق ۋە يوقسۇللۇق» قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراپ سەپەرگە ئاتلانغان كۆچمەنلەر، مېكسىكا چېگراسىدىن ئامېرىكىغا كىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كۆچمەنلەرگە قارشى يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا «قانۇنسىز كۆچمەنلىك ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش» ئۈچۈن ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سوقۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر