تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

1198080
تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئادىلشاھ ئادىل بايانات بېرىپ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇلۇمدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن چىققان توقۇنۇشتا، 5 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 6 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، توقۇنۇشتا تالىبان ئەزالىرىنىڭمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى. تالىبان بولسا، ھازىرغىچە ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر