شىۋېتسىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
شىۋېتسىيەنىڭ گوتېبورگ شەھىرىدە سومالىلىقلارغا تەۋە بىر جامەدە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئالدىن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان كىشى رەسمىي قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى پىلىپ ئانناس گوتېبورگ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بېللېۋۇ جامەسىدە گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىش قارارى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتچى پىلىپ ئانناس گۇماندارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش خاراكتېرلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇپەتتىشنىڭمۇ قولغا ئېلىش قارارىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا چىققان خەۋەرەلەردە، «چىرىستىيان س.» ئىسىملىك 45 ياشلىق گۇماندارنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى ئىكەنلىكى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا مۇسۇلمانلارغا نەپرەت ياغدۇرۇش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
گۇماندارنىڭ جامەدە چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى، مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ كېلىدىغان كۈننى سورىغانلىقى، ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرشتە ئاپتوماتىك قورال چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.