پاكىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 گە يەتتى
پاكىستاندا داتا دەربار مەقبىرىسى ئالدىدا ئامانلىقنى ساقلاۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدە، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لاھوردا تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەن 11 كىشىدىن 5 كىشىنىڭ ساقچى مەمۇرى ئىكەنلىكى ۋە بىرسىنىڭ 13 ياشلىق كىچىك بالا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ھۇجۇمدا يارىدار بولغان 26 كىشىدىن 2 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە شەھەردىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەنجاپ ئۆلكىلىك باش مىنىستىرى ئوسمان بۇزدار لاھوردىكى مايو دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغان يارىدارلارنى زىيارەت قىلىپ، ھۇجۇم ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە يارىدارلارغا ماددىي ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوسمان بۇزدار يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 100 مىڭ رۇپىيەدىن 500 مىڭ رۇيىيەگىچە ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەنجاپ ئۆلكىلىك باش مىنىستىر باياناتچىسى شاھباز گىل، ھۇجۇمدىكى ئادەم بومبىنىڭ 15 ياش ئەتراپىدا بىر ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈنۈگۈن ئالاقىدار مەسئۇللار ھۇجۇمدا 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان داتا دەربار مەقبىرىسى پاكىستان بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان مەقبىرىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ. 11 – ئەسىردە ئەشۇ رايوندا ياشىغان مۇتەسسەۋۋىپ سەييىد ئەلى بىن ئوسمان ھاجۋەرىنىڭ بۇ مەقبىرىسى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سوپىلار مازىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مەقبىرە 2010 – يىلىدىمۇ ئادەم بومبىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان ۋە 40 كىشى ئۆلگەن ئىدى.