ئامېرىكىدا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا قان تۆكۈلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى بىر مەكتەپتە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 ئوقۇغۇچى يارىلاندى.
1196995
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كولورادو ئىشتىتىدىكى Highlands Ranch رايونىدىكى بىر مەكتەپتە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىككى زوراۋان قولغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.