تەيۋەندە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان بولدى

تەيۋەن پارلامېنتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

1197566
تەيۋەندە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىنى، خىتاي ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار بولغان خوڭكوڭ ھەمدە ماكاۋ (ئاۋمېن) بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتتى.

تەيۋەن س ن ئا (CNA) ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنت جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى چۈشەندۈرۈلگەن «دۈشمەن دۆلەت بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىش» دېگەن تەبىرگە، «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرى بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىش» دېگەن تەبىرنىمۇ قوشقان.

تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىدا، خىتاي «چەت دۆلەت» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار بىلەن بىرلىكتە «دۈشمەن دۆلەت» دەپ قارالمايتتى. قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش بىلەن، ئېنىقسىزلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە بۇ مەسىلىدىكى سوتلارنىڭ يولى ئېچىلغان بولدى.

1949-يىلى ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە، جياڭ جېيشى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ، 1912-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» نىڭ تەيۋەن ئارىلىدا داۋاملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، «مىللىيەتچى خىتاي» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى خىتاي تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ئىدى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى رەسمىي ۋەكىلى بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان «بىر خىتاي» سىياسىتى بويىچە ئارالدا ھېچقانداق ئەمەلىي كونتروللۇقى بولمىسىمۇ، تەيۋەننى «زېمىنىمىزنىڭ بىر پارچىسى» دەپ قارايدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر