ماكرون: رۇسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ھۇجۇمى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىب رايونىدا يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى، 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇملىرىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1197428
ماكرون: رۇسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ھۇجۇمى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: « سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا توقۇنۇشلارنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋالدۇر. سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە دوختۇرخانىلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.»

سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق بىر ھەربىي تاللاش يولىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش تەلەپلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىرىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە ئارمىيەسى تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە قارىماي، «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دىكى ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا.

«<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» نىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە يېقىنقى 5 كۈن ئىچىدە قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 82 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر