ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكاسىنى ئەۋەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئۇ س س ئابراھام لىنكولىن» (USS Abdraham Lincoln) ناملىق ئاۋىياماتكاسى ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1196332
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكاسىنى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئۇ س س ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكاسى ۋە ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ، ئىران قىسىملىرى تەھدىت پەيدا قىلغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكاسى ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى كۈچى مېنىڭ تەستىقىم بىلەن مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) رايونىغا ئەۋەتىلدى. بۇ ئىران كۈچلىرى پەيدا قىلغان تەھدىت ئالامەتلىرىگە جاۋابەن، ھەربىي قىسىملارنىڭ تەدبىر مەقسەتلىك ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدۇر» دېدى.

ئۇ باياناتىدا ئىرانغا چاقىرىق قىلىپ: «ئىران ھاكىمىيىتىگە بارلىق ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلىمىز. قىسىملىرىمىزغا ۋە مەنپەئەتلىرىمىزگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا، ئىران ھاكىمىيىتىنى جاۋابكار دەپ قارايمىز» دېدى.

ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكاسى بىر ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئىدى.

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون 5-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكاسىنىڭ بومباردىمانچى كۈچى بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىرانغا بېرىلگەن «ئېنىق ۋە كەسكىن ئۇچۇر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى بەزى خەۋەرلەردە، مەزكۇر قارارنىڭ، ئىسىرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكاغا، ئىراننىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئاقسارايدا ئېچىلغان بىر يىغىندا ئىسىرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ ئېھتىمال بولغان بىر قانچە پىلانىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكى؛ ئىراننىڭ، ئىراق، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق رايوندىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر