لاۋروۋ بىلەن پومپېيو ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ فىنلاندىيەدە كۆرۈشۈپ، ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

1196205
لاۋروۋ بىلەن پومپېيو ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەممە ئىگە بولغان بۇ ئاڭنىڭ ئەمەلىي سىياسەتكە ئايلىنىشىنى ۋە مەسىلىنى ھەربىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا بالايى-ئاپەت بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرەېي لاۋروۋ فىنلاندىيەدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماي پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن، ئامېرىكالىق، ياۋروپالىق ۋە لاتىن ئامېرىكالىق مەسلەكداشلىرىم بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمدا، ۋېنېزۇئېلادا پەرۋاسىزلارچە قىلىنىدىغان ھەربىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆرمىدىم. ھەممە ئىگە بولغان بۇ ئاڭنىڭ ئەمەلىي سىياسەتكە ئايلىنىشىنى ۋە مەسىلىنى ھەربىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا بالايى-ئاپەت بولىدۇ» دېدى.

ئۇ مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈشىدە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئېھتىمالىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى دىققەتكە ئالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كۆرۈشۈشتە ئەمەلىي سىياسەتكە مەركەزلەشتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر