ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 بالا ئۆلۈپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھېرات ۋىلايىتىنىڭ گۇلران ناھىيەسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1195917
ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 بالا ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فارھاد، چاھكوھسانى يېزىسىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرھاد، بومبىنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر