لاۋروۋ ئامېرىكىنى ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

1195509
لاۋروۋ ئامېرىكىنى ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئارېئازا بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان لاۋروۋ، «كاراكاستىكى زورلاپ ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئەلۋەتتە دېموكراتىك مۇساپە بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ ئۇرۇنۇش، كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىغا زىيانلىق. بۇنداق بىر پوزىتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇش يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇرۇن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن لاۋروۋ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە پىلانلاردىن ۋاز كېچىشكە، يالغۇز خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئارېئازامۇ، دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھېچبىر كۈچنىڭ بۇزالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر