يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سەۋر تىلىدى

باش مىنىستىر جېيندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) كرىستچورچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان ۋە تۈنۈگۈن (2-ماي) دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقراسى زەكەرىيا تۇيان ئۈچۈن سەۋر تىلەكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1194318
يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سەۋر تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، باش مىنىستىر جېيندا ئاردېرن زەكەرىيا تۇياننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئېغىر يارىلىنىپ قۇتۇلغاندىن بۇيان دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالانغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «ھەممىمىز ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق، بىراق ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇ قايغۇلۇق خەۋەر تۈركىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدە كۆڭۈللەرنى يېرىم قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ نۇر جامەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان 50 كىشى ئىچىدە، زەكەرىيا تۇيان بىلەن بىرلىكتە ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن دوختۇرلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان توققۇز كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى، دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە مەزكۇر يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

2019-يىلى 15-مارت (جۈمە) يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر جامەسى ۋە لىنۋۇد جامەسى (Linwood) دە تېررورلۇق ھۇجۇممى يۈز بېرىپ، 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە  تۈنۈگۈن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان زەكەرىيا تۇياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن تەمەل ئاتاچوجۇغۇ بىلەن مۇستافا بوزتاش داۋالاشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر