ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ساتتېرفىلدنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنقەرە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسەتكەن داۋىد ساتتېرفىلد (David Satterfield)، كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى.

1194175
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ساتتېرفىلدنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋىد ساتتېرفىلد كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا يېتەرلىك سانغا ئېرىشكەن ئەھۋالدا، ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولىدۇ.

داۋىد ساتتېرفىلد ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەڭ پېشقەدەم دىپلوماتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1954-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1980-يىللاردىن تارتىپ ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ھازىرمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېقىن ئوتتۇرا شەرق مۇناسىۋەتلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

ئۇ تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «ئاستانا مۇساپىسى» غا، ئامېرىكانىڭ كۆزەتكۈچىسى سۈپىتىدە قاتناشتى.

ئۇ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە، سىنا يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى قوغداشقا مەسئۇل «كۆپ دۆلەت قوراللىق قىسىملىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى» نىڭ باش دىرېكتورى بولدى. سابىق پىرېزىدېنت جورج ۋ. بۇش (George W. Bush) ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس (Condoleezza Rice) نىڭ ئىراق ئىشلىرىغا مەسئۇل پېشقەدەم مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئامېرىكانىڭ، لىۋان، سۈرىيە، تۇنىس، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىلىرىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن شۇ يىلى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى بولۇپ  خىزمەت قىلىۋاتقان جون باس (John Bass) نى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان باش ئەلچىلىكىگە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تۈركىيەگە ئامېرىكا باش ئەلچىسى تەيىنلەنمىگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ داۋىد ساتتېرفىلدنىڭ نامزاتلىقىنى 2019-يىلى 16-فېۋرال ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر