ئىران: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى باشقا مىللەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا باشلايدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1193419
ئىران: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى باشقا مىللەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چاقىرىلغان «ئاسىيا ھەمكارلىق دىيالوگى 16 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى» غا قاتناشقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپلىك سىگناللىرىنى چېلىۋاتقان ۋە بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە بارلىق ئەللەرنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە كۈچنىڭ باشقا بىر مىللەتكە قارشى ئىشلىتىلىشى، ھامان بىر كۈنى بۇ كۈچنىڭ باشقا مىللەتلەرگىمۇ تەھدىت سېلىشقا باشلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، ئارتۇقچىلىرقلىرىمىزنى ۋە ئەۋزەللىكلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتى پۈتكۈل دۇنيانى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەۋجۇت قانۇنلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىغا خەلقنى ئورمان قانۇنلىرى بىلەن باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئالمىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر