ئامېرىكا: ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە قارىتا تەپسىلىي ئىنچىكە پىلان تۈزدۇق

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش يوللىرى ھەققىدە توختىلىپ: «كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئىنچىكە پىلان تۈزدۇق» دېدى.

1193484
ئامېرىكا: ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە قارىتا تەپسىلىي ئىنچىكە پىلان تۈزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى داۋىد نوركۋست بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ھەققىدىكى بىر سوئالغا: «بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بارلىق تاللاش يوللىرى ئۈستەلدە دېگىنىمىزدە، ھەقىقەتەن ئۈستەلدە» دېدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ۋېنېزۇئېلادا كۇبالىقلار، رۇسلار ۋە باشقا ئامىللارمۇ بار. ھەممە ئەھۋال تاراتقۇلاردا ياكى باشقا ۋاستىلەردە ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ. بۇ بىز كونترول قىلغان ئەھۋاللار ئەمەس. ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالغا قارىتا، ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش ئۈچۈن تاكتىكلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ۋە مۇئەييەن ئۆلچەمدە جاۋاب بېرەلەيدىغان شارائىتقا ئىگىمىز. كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئىنچىكە پىلان تۈزدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ياۋروپا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بارلىق تاللاش يوللىرىنىڭ ئۈستەلدە ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى.

ۋېنېزۇئېلادا 2019-يىلى 23-يانۋار كۈنى ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو 24-ئاپرېل (جۈمە) تۋىتتېردا تارقاتقان ئۈچ مىنۇتلۇق ۋېدىئودا، خەلققە ۋە ئەسكەرلەرگە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىمىر پادرىنو لوپېزمۇ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە: «بىز قوراللىق كۈچ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسىي قانۇن-تۈزۈمنى قوغداشقا قەسەم قىلدۇق. خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تەييارمىز. ھەربىي قىسىملاردا ئالاھىدە ئەھۋال يوق، ھەممىسى قوماندانلىرىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇەن گۇايدو ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر