ئىران بىلەن رۇسىيە قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

1192808
ئىران بىلەن رۇسىيە قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال ھۈسەيىن خانزادە، پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇممان دېڭىزىدا قوشما مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغالىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى ئۆزئارا  تەلىم – تەربىيە، تېخنولوگىيە ۋە ھەربىي ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى،  بۇ يىل ھىندى ئوكيانغا قىرغاقداش دۆلەتلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئىراننىڭ جەنۇبدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ. خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىىرگە تەئەللۇق بولۇپ، ھەممە بۇ دېڭىزلاردىن تىنچلىق نىشانلىرى دائىرىسىدە بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىراننىڭ نېفىت مەنبەلىرى جايلاشقان جايلارنى زېمىنىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز. شۇڭا، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بۇ جايلارنى قوغدايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر