فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ئوتتۇرىسىدا كېلشىم تۈزۈلدى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ئوتتۇرىسىدا يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالاندى ۋە تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈش مالايشىيادا ئېلىپ بېرىلدى.

1192541
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ئوتتۇرىسىدا كېلشىم تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىندە 2019-يىلى يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا مىنداناۋدا باڭسامورو ئاپتونوم رايونى (BARMM) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى (MİCK) ئوتتۇرىسىدا يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالاندى ۋە مالايشىيادا تۇنجى كۆرۈشۈشلەر ئەمەلگە ئاشتى.

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ھەيئىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپىنىڭ كۆرۈشۈشىگە، مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كامارۇددىن مۇستاپا قاتناشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىجرا ھەيئەتلىرى باڭسامورو كېڭەيتىلگەن كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ۋەزىپە چۈشەندۈرۈلۈشىنى ۋە 2016-يىلىدىن كۈنىمىزگىچە ئىمزالانغان بارلىق كېلىشىملەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىمزالاپ تەستىقلىدى.»

باياناتتا، مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ھەيئىتىنىڭ مىنداناۋدىكى باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلارنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇپ، تىنچلىق مۇساپىسىغا كۈچ چىقىرىشنى ۋەدە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئەسكەرتىلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا، فىلىپپىن ۋە مالايشىيا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن باشقا، تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق كۆزىتىش ھەيئىتى گۇۋاھلىق قىلدى.

2019-يىلى يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن كېيىن، مىنداناۋدا قۇرۇلغان باڭسامورو ئاپتونوم رايونىنىڭ باش مىنىستىرى ھاجى مۇرات ئىبراھىم 26-فېۋرال رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو روا دۇتېرتې تەرىپىدىن باڭسامورو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ھاجى مۇراد ئىبراھىمنىڭ 2022-يىلىغىچە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشى قارار قىلىنغان ئىدى.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ 80 ئەزاسى بار بولۇپ، 41 ئەزاسى مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپىدىن، 39 ئەزاسى مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر