چەت دۆلەتلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋىيەدىكى بىر قىسىم تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى

لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى بەزى چەت دۆلەتلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پايتەخت تىراپولىدىكى بىر قىسىم تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1191514
چەت دۆلەتلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋىيەدىكى بىر قىسىم تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ قوماندانى گېنېرال ھالىفە ھافتەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بەزى چەت دۆلەتلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت تىرىپولىدىكى بىر قىسىم تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى.

مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھالىفە ھافتەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بەزى چەت دۆلەتلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت تىرىپولىنىڭ نوپۇسى زىچ بولغان ئەبۇ سەلىم رايونىنى بومباردىمان قىلدى، بىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، چوڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىش، پۇقرالارنى قوغداش ۋە بۇ ھۇجۇمغا قاتناشقان چەت دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشقا  چاقىرىلدى.

گېنېرال ھا فتەرگە قارشلىق قوراللىق قىسىملارنىڭ لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان نېفىت قۇدۇقلىرىنى كونترول قىلىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا نېفىت بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«تېررورلۇق قىلمىشى»دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ھۇجۇملارغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىمۇ قاتتىق ئەيىبلەنگەن بۇ باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىش،خەلقنىڭ جېنى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش  ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت، قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن تۇنىسنى زىيارەت قىلغان لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتىھ باشئاغا، «لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرسى تەمىنلىگەن راكېتامىيوتلار بىلەن»تىرىپولىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 27 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يازغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئەل سانى: لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدىكى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دېدى.

ۋەزىيەتنى قالايمىقان قىلىش مەقسىتىدە خەلقنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئەل سانى، ئىدارە-ئورگانلار ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارغا يانتاياق بولغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.


 


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر