ئامېرىكادا بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئامېرىكانىڭ سان دىياگو شەھىرىدىكى بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
1191253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سان دىياگو شەھىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ «خېمىرسىز بايرىمى»تەبرىكلىنىۋاتقان ئەسنادا بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 1 كىشى ئۆلۈپ 3 كىشى يارىلاندى.
سان دىياگو شەھەر باشلىقى ستېۋ ۋۇس، تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 19 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شەھەر باشلىقى ھۇجۇمدا يەنە 1 دىنى ئۆلىما، 1 ئەر ۋە 1ئايال بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.