ئامېرىكا بىلەن پايونىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ پات يېقىندا مۇھىم سودا كېلىشىملىرىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1191130
ئامېرىكا بىلەن پايونىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ پات يېقىندا مۇھىم سودا كېلىشىملىرىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

ترامپ ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكاغا كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى.

ئاقسارايدىكى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: ياپونىيە بىلەن ياخشىراق بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، كېلىشىمنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

شىنزو ئابې  بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشكەن ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپنىڭ، 19سېكۇنت شىنزو ئابېنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەي تۇتۇپ تۇرۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ترامپ ياپونىيەگە خاس سومو چېلىشىش مۇسابىقىسىگە تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يىلقى ياپونىيە زىيارىتىدە سومو چېلىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ بىلەن شىنزو ئابېنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دونالد ترامپ بىلەن رەپىقىسى مەلانىيا ترامپنىڭ شىنزو ئابې ۋە رەپىقىسى ئاكىيى ئابېنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەرگەنلىكى ۋە زىياپەتتە مەلانىيا ترامپنىڭ 49 ياشقا كىرگەنلىكىنىڭمۇ تەبرىكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر