سۇداندا ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن ئۆكتىچىلەر كېلىشتى

سۇداندا ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن ئۆكتىچىلەر پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى قۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

1191251
سۇداندا ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن ئۆكتىچىلەر كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشى بىلەن ئۆكتىچى ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات كۈچلىرى ئۆتكۈنچى دەۋرنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋۋېلىشش ئۈچۈن، پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى قۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

سۇدان ئۆكتىچىلىرى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەسكەر ۋە نورمال پۇقرالاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن تەپسىلاتى توغرۇلۇق توختالمىدى.

سۇدان خەلق مەجلىسى پارتىيەسى يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زالغا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلارنىڭ 64 كىشىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپى ئىدرىس سۇلايمان، پايتەخت خارتۇمدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ،خەلق مەجلىس پارتىيەسى يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا زالغا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان 64 كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدرىس سۇلايمان يەنە سۇدان ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ خەلق مەجلىسى پارتىيەسى ئەزالىرىدىن 100دەك كىشىنى تۇتۇپ، كۇبەر تۈرمىسىگە سولىۋەتكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

خەلق مەجلىسى پارتىيەسىنىڭ  زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ھەر ۋاقىت تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي پارتىيەلەرگە ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارغا ئىزچىل ئادالەتنى، تىنچلىقنى، مۇرەسسەنى، دىيالوگنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدرىس سۇلايمان، خەلق مەجلىسى پارتىيەسىنىڭ سۇداندىكى ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بۇرۇنقى ھاكىمىيەتنىڭ نامايىشىچىلارغا تېخىمۇ بېسىم قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى ۋە ئىنقىلابنى پۈتكۈل سۇدانلىقنىڭ قىلغانلىقىنى دېدى.

ئۆكتىچىلەر خەلق مەجلىسى پارتىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىنقىلابنىڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «سەۋەبى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز، سۇدان پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى ئاداققىچە ياقلايمىز.»

 


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر