ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

1191045
ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالىي كومىسسارى فىلىپپوپو گراندى بىلەن ب د ت مەسئۇللىرىنىڭ باڭلادېشنىڭ جەنۇبىدىكى بىرمىدىن قاچقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى قېلىۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى زيارەت قلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياتتا،  رايوندا مۇساپىرلارغا قارىتا خىزمەت ئىشلەش جەھەتتىن زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، بىراق بولۇپمۇ بالىلار ۋە ئاياللارغا نىسبەتەن ئەھۋالنىڭ يەنىلا جىددىيلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا تەلىم – تەربىيە، كەسپىي مائارىپ ۋە ئۆز  جەمئىيەتلىرىگە ھەسسە قوشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ھەمدە كۆچمەنلەرنىڭ   بىرمىغا قايتىشى ئۈچۈن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەندى.

فىلىپپوپو گراندى، باڭلادېشتا 12 ياشتىن كىچىك 540 مىڭ مۇساپىر بالىدىن يېرىمىنىڭ ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، قالغان يېرىمىغا يارىتىپ بېرىلگەن ئوقۇش پۇرسىتىنىڭمۇ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار كىرىزىسلىرىدىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 745 مىڭغا يېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر