پۇتىن رۇسىيەدە كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى.

1189524
پۇتىن رۇسىيەدە كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىبخان پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدىكى يىراق شەرق فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ رۇسىيەگە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن، «بۇ زىيارەتنىڭ، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتكە قانداق چارە تاپالايدىغانلىقىمىزنى، بىرلىكتە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى، رۇسىيەنىڭ مەۋجۇت مۇساپىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ، موسكۋانىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ «ئەلۋەتتە، شىمالىي كورېيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى دىيالوگنى ۋە شىمالىي كورېيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا ئىجابىي باھا بېرىمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بولسا، پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كىم جوڭئۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بىر پائالىيەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدىكى ۋىلادىمىر پۇتىن – كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى «تۇنجى» قېتىملىق ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر