پۇتىن بىلەن كىم جوڭئۇن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

1189833
پۇتىن بىلەن كىم جوڭئۇن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن، كىم جوڭئۇن بىلەن ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدىكى يىراق شەرق فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆز قىلدى.

ئۇچرىشىشقا «ناھايىتى ئەتراپلىق» دەپ باھا بەرگەن پۇتىن، كىم جوڭئۇن بىلەن رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستەكلىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش لازىملىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بولسا، پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، «ئۇچرىشىشلارنىڭ پايدىلىق ۋە ئىجابىي شەكىلدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر