12-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى قازاقىستاندا باشلاندى

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا 12-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى، كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەردىن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىم ۋە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلىق كۆرۈشۈشلەر بىلەن باشلاندى.

1189592
12-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى قازاقىستاندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ۋە ئىران ۋەكىللىرى تېخنىكىلىق كۆرۈشۈشلەر دائىرىسىدە، بۈگۈن (25-ئاپرېل) ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00 دە بىر يەرگە جەم بولدى. ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە يىغىنغا يېڭى كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ.

رۇسىيە ھەيتىئىتىگە پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېۋ، ئىران ھەيئىتىگە تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى ئەلى ئاشگار ھادجى باشچىلىق قىلدى.

تۈركىيە ھەيئىتىگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىق قىلماقتا.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر پېدېرسېن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن پايتەخت نۇر سۇلتانغا يېتىپ كېلىدىكەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ھەيئىتى قاتنىشىدىغان ئاساسلىق يىغىن ئەتە (26-ئاپرېل) ئېچىلىدۇ.

ئىيوردانىيە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىنلاردا، ئىدلىب «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ۋەزىيەت، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى، ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىنى ئاساس قىلغان كۆرۈشۈشلەر، 2017-يىلى يانۋاردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر