ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى رامىزاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ

كۇشنېر ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنىڭ رامىزاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1188749
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى رامىزاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھەم كۈيئوغلى ھەمدە مەسلىھەتچىسى بولغان جارېد كۇشنېر، ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۆت كۆز بىلەن كۈتۈلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى رامىزان ئېيىدىن كېيىن جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇشنېر نىيۇيوركتا «تايمىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تايمىس 100»ناملىق پائالىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى، ژۇرنالىست جەمال قاشىكچى جىنايىتى ۋە رۇسىيە دېلوسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەسلىدە 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ئىسرائىلىيەدە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن پىلاننى ئېلان قىلىش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان كۇشنېر، رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان ھامان مەزكۇر پىلاننىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىلان توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان كۇشنېر، پىلاندا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلابنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن ھەل قىلىش ياكى قىلماسلىققا دائىر مەزمۇننىڭ بار يوقلىقى ئۈستىدە توختالمىدى.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىشى توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەر توغرىسىدا ئىزاھات تەلەپ قىلىنىشىغا قارىتا، كۇشنېر مۇنداق دېدى: «ئىستىخباراتنىڭ مەلۇماتلىرى توغرۇلۇق گەپ قىلىشىم توغرا ئەمەس.»

ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن،مۇھەممەد بىن سەلمانغا تەكلىپ پىكىر بېرىپ بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا قارىتا كۇشنېر مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئۇنىڭغا مۆتىدىل ۋە سۈزۈك بولۇشنى تەۋسىيە قىلدىم، بۇ ئىشنىڭ چوقۇم سۈرىشتە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى، قاشىقچى جىنايىتى تولىمۇ قورقۇنچتۇر.»

ئامېرىكادا تەخمىنەن 2 يىلدى بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە دېلوسى توغرۇلۇقمۇ توختالغان كۇشنېر: ئالاھىدە ھوقۇقلۇق باش تەپتىش روبېرت مۇئېللېرنىڭ رۇسىيە دېلوسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىىگە رۇسىيەنىڭ سايلامغا ئارىلىشىشىدىن بەكرەك زىيان سالدى، دېدى.

رۇسىيە دېلوسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كۇشنېر يەنە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا ئارىلىشىشى تولىمۇ بىمەنە ئىشتۇر.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ مەسلىھەتچىسى كۇشنېرنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنى تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ سۆھبەت خاتىرىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «جارېد كۇشنېرنىڭ سۆھبىتى تولىمۇ ئېسىل بوپتۇ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ زىرەك بولۇشى ياخشى ئىشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر