ۋېنگېرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سزىجارتو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئەزالىق مەسىلىسىدە ئويۇن ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1189078
ۋېنگېرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سزىجارتو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئەزالىق مەسىلىسىدە ئويۇن ئوينىشىنىڭ ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر پېتېر سزىجارتو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،  تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى ۋە ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى توغرۇلۇق توختالدى.

«دۇرۇست بولۇشىمىز كېرەك، بىز تۈركىيەگە، تۈرك خەلقىگە ۋە لىدېرىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىز»دېگەن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئويۇن ئوينىشىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىنى ۋېتو قىلىدىغان دۆلەتلەر بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا باشقىچە بىر ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئورنىتىشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر پېتېر سزىجارتو: تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بويىچە 10 چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، تۈركىيە مىليونلارچە كۆچمەنگە ساھىبخانلىق قىلىپ بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور رول ئوينىدى. بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك شىرىكچىلىك ئورنىتىلىشىغا ئېھتىياجىمىز بار، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولۇپمۇ ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسيەسى توغرا ئەمەس، ياۋروپا كومىتېتى تۈركىيەگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ئامېرىكانىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئۈستىدىمۇ توختالغان مىنسىتىر سزىجارتو مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ س-400 تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىسى توغرۇلۇق بەرگەن قارارى تۈركىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇپ، بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە بىز ئىپادە بىلدۈرمەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر