كىم جوڭئۇن رۇسىيەگە يېتىپ باردى

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن رۇسىيەگە باردى.

1189254
كىم جوڭئۇن رۇسىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم جوڭئۇن ئالاھىدە پويىزىغا ئولتۇرۇپ شىمالىي كورېيەدىن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىگە جايلاشقان ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور مورگۇلوۋ ۋە ۋىلادىۋوستوك ۋالىيسى ئولېگ كوژېمياكو قاتارلىق بىر ھەيئەت تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىندى.

كىم جوڭئۇن روسسىيا-24 تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، زىيارىتىنىڭ پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىمىز» دېدى.

بۇ شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ تۇنجى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

كىم جوڭئۇن ئەتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر