ئەشرەف غېنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

ئافغانىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان 28-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتتى.

1187786
ئەشرەف غېنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

ئافغانىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، بىر ئايدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان ئەشرەف غېنىنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر