سۇداندا ئۆكتىچىلەر ھەربىي كېڭەش بىلەن مۇزاكىرەلىرىنى توختاتتى

سۇدان ئۆكتىچىلىرى تەشكىللىگەن «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى»، ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن مۇزاكىرەلىرىنى توختاتقانلىقىنى، ھەربىي ھاكىمىيەت تەختتىن چۈشكىچە نامايىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1187721
سۇداندا ئۆكتىچىلەر ھەربىي كېڭەش بىلەن مۇزاكىرەلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا تەشكىللەنگەن «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى»، ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن مۇزاكىرەلەرنى توختاتقانلىقىنى، خەلقتىن تەشكىللەنگەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنى ئېلان قىلىشنى مۇزاكىرەلەر ئۈچۈن كېچىكتۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

سۇداندا تۆت ئايدىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا باشچىلىق قىلغان «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى»، پايتەخت خارتۇمدا 15 كۈندىن بۇيان ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى قىلغان ئارمىيە ئىشتابى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.

سۇدان كەسىپ بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلئەمىن ئابدۇلئەزىز «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى» نىڭ ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن ھەر تۈرلۈك مۇزاكىرەلەرنى توختاتقانلىقىنى، نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھەربىي كېڭەش سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھاكىمىيەتتۇر. ھاكىمىيەتنى خەلققە تاپشۇرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە ھەربىي ھاكىمىيەت تەختتىن چۈشكىچە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشلىرىمىزنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايمىز» دېدى.

ئۇ ھەربىي كېڭەشنى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللىغان «دۆلەت مۇرەسسە كۈچلىرى» بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بىپەرۋالىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خەلقتىن تەشكىللەنگەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇزاكىرەلەر ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى» نىڭ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ۋە ھۆكۈمەتتىكى بارلىق ئورۇنلارنى تولدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇرۇنقى ھۆكۈمەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ۋە بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان سابىق پىرېزىدېنتنىڭ ئۆيىدىن 7 مىليون ياۋرو، 350 مىڭ دوللار ۋە بىر قانچە مىليارد سۇدان پۇلىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ چەت ئەللەردىكى پۇللىرىنى دۆلەت قايتۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

19-دېكابىر (2018) سۇداندا ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پايتەخت خارتۇم ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشقا ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، 11-ئاپرېل (پەيشەنبە) ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن 30 يىللىق ئۆمەر ئەلبەشىر دەۋرى ئاخىرلاشقان بولدى.

سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋاد بىن ئاۋف دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە «ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى» بولۇش سۈپىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى، ئىككى يىللىق ۋاقىتلىق مەزگىلنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، ئاۋاد بىن ئاۋف ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە قەسەم قىلىپ، ئارىدىن 24 سائەت ئۆتمەستىنلا ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ئورنىغا ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھانى سايلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاۋاد بىن ئاۋف ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ بېشىغا ئۆتكەن ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان 13-ئاپرېل (شەنبە) كېڭەش نامىدىن قارارنامە ئېلان قىلىپ، سەككىز كىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ھەربىي كېڭەش ئەزالىقىغا تاللانغان ئارمىيەدىن ئالتە كىشى، ساقچى ئىدارىسىدىن بىر ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن بىر كىشى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

ھەربىي كېڭەشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى يىل بولىدىغانلىقى، ھاكىمىيەتنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر