نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەنىڭ بېنۇئې ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1188170
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنۇئې ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سېۋۇئېسې ئانېنې، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نگىبو ۋە تسې ئايې يېزىلىرىدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇملاردا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۆي – ماكانغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، 24 چوڭ ھايۋاننىڭ ھالاك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر رايون پات - پات دېھقانلار بىلەن چاۋىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر