لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشمەكتە

لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 254كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1187862
لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولى ۋە ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 254 كە يەتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق قىسىملارنىڭ قوماندانى گېنېرال ھالىفە ھافتەرنىڭ 4-ئاپرېلدا پايتەخت تىرىپولىغا ھۇجۇم قوزغىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 254 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 1228 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا توقۇنۇشلاردا يارىلانغان 152 ئادەمنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ 89نىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تەشكىلات تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلانىڭ سانىنىڭ 220، يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ 1066 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ قوماندانى ھافتەر، پايتەخت تىراپولىنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە، 4-ئاپرېلدا پايتەختكە ھۇجۇم قوزغايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىممۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

2011-يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت كىرىزىسىگە سەھنە بولىۋاتقان لىۋىيەدە، خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملار بىلەن گېنېرال ھا فتەرگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر