"ئىراق ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر"

كۇۋەيت دۆلەت مەجلىس باشلىقى مارزۇق ئەلى غەنىم ئىراقنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايونىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1187203
"ئىراق ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر"

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت دۆلەت مەجلىس باشلىقى مارزۇق ئەلى غەنىم، ئىراقنىڭ مۇقىملىقنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

غەنىم پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن  ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا: بىز ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز، قوشنىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ كويىدا يۈرگەنلەر ھامان بىر كۈنى زىيان تارتىدۇ، دېدى.

ئىراقنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ قەلبى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان غەنىم يەنە مۇنداق دېدى: "مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئىراقنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسەتلەردىن بىرسىدۇر، ئىراقنىڭ مۇقىملىقى رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر."

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شۇرا كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللا ئەش شەيخ، دائېش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدە زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئىراق ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان شەيخ: ئىراق قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن رايوندا مۇھىم رول ئويناشقا باشلايدۇ، بىز ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئاداققىچە قوللايمىز، دېدى.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپتىن سىرت سۈرىيە، ئىيوردنىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر