ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باڭلادېشتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

1186628
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى  باڭلادېشتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا قېلىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى جىددىي ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايوندا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئىسىملىك بىر مەكتەپ قۇرۇلۇشى باشلانغان.

باياناتتا يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پالاكەتكە دۇچ كەلگەن بارلق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئاراكاندا 2012 – يىلى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، مىڭلارچە كىشى قەتل قىلىنغان، يۈزلەرچە ئۆي - ماكان ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنىدى.

ئاراكاندىكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىغا 2017 – يىلى 25- ئاۋغۇست كۈنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان ھۇجۇملارنى سەۋەب كۆرسەتكەن بىرما ئارمىيەسى ۋە بۇددىست مىللەتچىلەر ئاممىۋى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2017 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەر سانىنىڭ 745 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق يۈزلەرچە يېزىنىڭ  ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى.

باڭلادېش دۆلەتتىكى ئاراكانلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىىشى ئۈچۈن بىرما بىلەن تۈزگەن كېلىشىمدىن ۋاز كەچتى. خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاراكان رايونىغا كىرىشىگە ئاساسىي جەھەتتىن چەكلىمە قويغان بىرما ھۆكۈمىتى بولسا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر