ماكرون پاپا فىرانسىسنى تەكلىپ قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فىرانسىسكۇس (Papa Franciscus) بىلەن تېلېفوندا تارىخىي نوترېدەم كاتېدرالى (Notre Dame) لىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇنى فىرانسىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1186261
ماكرون پاپا فىرانسىسنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون پارىژدىكى تارىخىي نوترېدەم كاتېدرالىغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان پاژارنى خادىملىرىنى ئېلسىي سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

ئۇ پاپا فىرانسىسكۇس بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇنى فىرانسىيەگە تەكلىپ قىلدىم، مۇۋاپىق ۋاقىتتا كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ پاژارنى خادىملىرىغا: «ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزەڭلارنى خەتەرگە ئاتقىنىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان فىرانسىيەگە ۋە  پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولدۇڭلار» دېدى.

ۋاتىكان تارىخىي نوترېدەم كاتېدرالىنى «خىرىستىيانلىقنىڭ فىرانسىيەدىكى سىمۋولى» دەپ قارايدۇ. دۈشەنبە كۈنى (15-ئاپرېل) پارىژنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان نوترېدەم كاتېدرالىغا ئوت كېتىپ، ئېگىزلىكى 93 مېتىر كېلىدىغان مۇنارلاردىن بىرى ۋە ئۆگزىسى كۆيۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئوت ئۆچۈرۈشكە تەخمىنەن 400 پاژارنى خادىمى قاتناشتى ۋە قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە شىمالىي داڭ مۇنارى بىلەن «ئانا بىنا» قۇتقۇزۇۋېلىندى.

پارىژ تەپتىش خادىمى رېمي ھېيتز (Remy Heitz) نوترېدەم كاتېدرالىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا، ۋەقەنىڭ «قەستەن ئوت قويۇپ بېرىش» ئەمەسلىكىنى، بەلكى «ھادىسە» دەپ قاراۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باش مىنىستىر ئېدۋارد فىلىپ كۆيۈپ كەتكەن مۇنارلارنىڭ بىرىنى قايتىدىن ياساش ئۈچۈن خەلقئارالىق قۇرۇلۇش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوف كاستانېر «ئانا بىنا» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، بىراق ئىچىدىكى نۇرغۇن تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر