كىم جوڭئۇن ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشمەكچى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرىشىدۇ.

1186733
كىم جوڭئۇن ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشمەكچى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن چىقىشالماسلىق سىگنالىنى بىرىش بىلەن بىرگە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىدى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ كىم جوڭئۇن تەختكە چىققان 2011يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

پۇتىننىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يول بىر بەلۋاغ رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشقا ئازلا قالغاندا پىلانىنى ئۆزگەرتىشىمۇ مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

رۇسىيەنىڭ رىئا نوۋىستى خەۋەر ئاگېنتلىقى، شىمالىي كورېيەلىك بىر مەسئۇلنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ساياھەتتە بولغانلىقىنى ۋە رايوندىكى پويىز ئىستانسىسىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن خۇددى دادىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاش چەت ئەللەرگە قىلىدىغان ساياھەتتە، ئاساسەن دېگۈدەك پويىز بىلەن بېرىشنى تاللاپ كەلمەكتە.

شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ئۇچرىشىشى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 2011يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى كىم جوڭئىل ۋاپاتىدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مەلۇم بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بارغان ۋە ئەينى چاغدىكى پىرېزىدېنت دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر