ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا مەركەز بانكىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېنېزۇئېلا مەركەز بانكىسى ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقى جوزېفا رۇززا تېرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى.

1185997
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا مەركەز بانكىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ۋېنېزۇئېلا  مەركەز بانكىسىنىڭ قانۇنسىز مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ كوزېرىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋېنېزۇئېلا مەركەز بانكىسىغا ۋە بانكىنىڭ باشلىقى جوزېفا رۇززا تېرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقاردى. مادۇرو ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلانىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىشنى، ھۆكۈمەت ئىچىدە چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلىۋاتقانلارنىڭ باي بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئورگانلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، مىئامىدا قاتناشقان بىر مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ۋېنېزۇئېلا، كۇبا ۋە نىكاراگۇئا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنى «سوتسىيالزمنىڭ خۇشامەتچىلىرى» دەپ ئاتىغان بولتون، ۋېنېزۇئېلا مەركەز بانكىسىدىن سىرت يەنە، نىكاراگۇئا پىرېزىدېنتى دانىئېل ئورتېگاغىمۇ  ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۇبادىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئەۋەتىدىغان پۇل مىقدارىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولتون، ھەر بىر كىشىنىڭ كۇبادىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ھەر 4 ئايدا مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى ۋاقىتلىق دۆلەت باشلىقى دەپ ئېلان قىلغان مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇەن گۇەيدونى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن پات - پات يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى چىقارماقتا.

دۆلەتنىڭ نېفىت شىركىتى PDVSA  ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى نېفىت خىمىيە شىركىتى Citgo غا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولار ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلاغا ئىقتىسادىي زەربە بېرىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋېنېزۇئېلا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللىك 4 مەبلەغ سالغۇچى شىركەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر