تەيۋەندە يەر تەۋرەش يۈز بەردى

تەيۋەننىڭ شەرقىي قىسمىدا 6 بال يەر تەۋرىدى.

1185979
تەيۋەندە يەر تەۋرەش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ يەر تەۋرەش مەركىزى خۇالىيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەرنىڭ تېگىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەيۋەن ھارا رايى بىيورۇسى، يەر تەۋرەشنىڭ 6.1 چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى، ھەمدە ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر